ئايا سوفىيا جامەسىنى زىيارەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئاشتى

ئىستانبۇل ئايا سوفىيائى كەبىر جەمىئە شەرىف ئىبادەتكە ئېچىلغان 3 يىل ئىچىدە تەخمىنەن 21 مىليون زىيارەتچىنى كۈتۈۋالدى.

2015022
ئايا سوفىيا جامەسىنى زىيارەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  ئايا سوفىياغا يەرلىك ۋە چەتئەللىك زىيارەتچىلەر ئالاھىدە قىزىقىش كۆرسەتمەكتە.

ئايا سوفىيائى كەبىر  جەمىئە شەرىفنىڭ  ئىمامى بۇنيامىن توپچۇئوغلۇ 2021-يىلىدا 1 مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ ئايا سوفىيانى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنيامىن توپچۇئوغلۇ: «2022-يىلدىن ئېتىبارەن، ئاساسلىق زىيارەتچىلىرىمىزنى كۆرۈشكە باشلىدۇق. 2022-يىلى زىيارەتچىلرىمىزنىڭ ئومۇمىي سانى 13 مىليون 600 مىڭغا ۋە 2023-يىلى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە بولسا، زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ سانى 6 مىليونغا يەتتى. بۇ سان بارغانسىرى ئاشماقتا» دېدى.

ئايا سوفىيانىڭ ياۋروپا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى يەنە، ئەرەب دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يىراق شەرقنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن توپچۇئوغلۇ، يېقىنقى مەزگىللەردە  ھىندونېزىيەدىن نۇرغۇن زىيارەتچىلەرنى كۈتۈۋالغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر