رۇسىيەنىڭ خاركىۋدىكى بىر ماگزىنغا قىلغان ھۇجۇمىدا 4 پۇقرا قازا قىلىپ، 38 كىشى يارىلاندى

ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىدە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ساتىدىغان بىر ماگزىنغا رۇسىيە قىلغان ھۇجۇمدا، كەم دېگەندە 4 پۇقرا قازا قىلىپ، 38 كىشى يارىلاندى.

2144223
رۇسىيەنىڭ خاركىۋدىكى بىر ماگزىنغا قىلغان ھۇجۇمىدا 4 پۇقرا قازا قىلىپ، 38 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدىكى يازمىسىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ خاركىۋدىكى پۇقرالارنىڭ ئۈل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ساتىدىغان ماگزىننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن پەيتتە، ماگزىننىڭ ئىچىدە نۇرغۇن خىزمەتچى ۋە زىيارەتچلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.  

خاركىۋ رايونى ھەربىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئولېگ سىنېگۇبوۋمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، ماگزىنغا 2 يېتەكچى ھاۋادىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ چۈشكەنلىكىنى، ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 4 كىشى قازا قىلىپ، 38 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئولېگ سىنېگۇبوۋ 16 كىشدىن تېخىچە ھېچقانداق خەۋەر يوقلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيەنىڭ بېلگورود رايونلۇق ۋالىيسى ۋىياچېسلاۋ گلادكوۋ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدىكى باياناتىدا، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئوكتىياب كەنتىگە كۆپ نولۇق راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا 2 كىشى قازا قىلىپ، 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىياچېسلاۋ گلادكوۋ يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەدىنىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا بومبا پارچىلىرى بىلەن يارىلىنىش بارلىقىنى، ھۇجۇمدا 22 تۇرالغۇ ۋە 23 ئاپتوموبىلنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر