خىتاي ئۇكرائىناغا قارشى رۇسىيەنى قوللاش ئارقىلىق ياۋروپاغا ئۇرۇش ئوتى تۇتاشتۇرماقچى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ خىتاينىڭ ئۇكرائىناغا قارشى رۇسىيەنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق ياۋروپاغا ئۇرۇش ئوتى تۇتاشتۇرۈش ئۈچۈن قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2144200
خىتاي ئۇكرائىناغا قارشى رۇسىيەنى قوللاش ئارقىلىق ياۋروپاغا ئۇرۇش ئوتى تۇتاشتۇرماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ گېرمانىيەنىڭ  «Welt am Sonntag» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا: «خىتاي غەرب بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى داۋراڭ قىلىدۇ يۇ، ئەمما بېيجىڭ دائىرىلىرى يەنە بىر تەرەپتىن ياۋروپاغا ئۇرۇش ئوتىنى تۇتاشتۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ، ھەر ئىككى ئىشنى تەڭ قىلالمايسىلەر» دېدى.

ستولتېنبېرگ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنىڭ ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى  تەكىتلەپ: «موسكۋا دائىرىلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، تانكا ۋە ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىۋاتقان زاپچاسلىرى، مىكرو ئېلېكترون ۋە باشقا تېخنىكىلارنى سېتىپ بېرىشتە روشەن ئېشىش بار» دېدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ناتو قىسىملىرىنى ئۇكرائىناغا ئەۋەتىش ياكى ناتونىڭ ھاۋا مۇداپىئە سېپىنى ئۇكرائىناغىچە كېڭەيتىش دېگەندەك بىرەر پىلانىنىڭ يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ، ناتونىڭ بۇ توقۇنۇشنىڭ بىر پارچىسى بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ستولتېنبېرگ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا چاقىرىق قىلىپ، «ئەگەر (رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر) پۇتىن ئۇكرائىنادا خالىغىنىنى قىلىپ يۈرىيدىغان بولسا، ياۋروپادا ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىك بولمايدۇ. دۇنيا بىر پۈتۈن ھالدا تېخىمۇ مۇقىمسىز ھالغا كېلىدۇ. بىز رۇسىيەنى تېخىمۇ بەك تاجاۋۇزچىلىقتىن توسۇشىمىز كېرەك. پۇتىنغا قارىتىلغان بېسىم سىياسىتى كارغا كەلمەيدۇ» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر