ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
2144189
![ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/8c40/3455/03c2/6652cf9385bc9.jpg?time=1722043614)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، تېلېفون سۆھبىتىدە تۈركىيە – سېنېگال مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە سېنېگالدا مارت ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام نەتىجىسىنىڭ خەيىرلىكلەرگە ۋەسىلە بولۇشىنى تېلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈپ، يېڭى مەزگىلدە تۈركىيە بىلەن سېنېگال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە ماكى سالنىڭ <25-ماي ئافرىقا بايرىمى>نى تەبرىكلىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/a855/5519/9bde/638da0d999ce9.jpg?time=1722043614)
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى بىر سائەت قىسقارتىلدى.