تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى ئالجىرىيەدە بىر مۇزىكا گۇرۇپپىسىغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) ئالجىرىيەدىكى بىر مۇزىكا گۇرۇپپىسىغا چالغۇ ئەسۋاب ياردەم قىلدى.

1890489
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى ئالجىرىيەدە بىر مۇزىكا گۇرۇپپىسىغا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئالجىرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئەل-ئاگۋات شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەل-ئاگۋات مەدەنىيەت-سەنئەت مەركىزىگە تەۋە بارۇت مۇزىكا گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق چالغۇ ئەسۋاب ئېھتىياجى تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) تەرىپىدىن ھەل قىلىپ بېرىلدى.

ياردەملەرنى يەتكۈزۈش مۇراسىمىدىن كېيىن بارۇت مۇزىكا گۇرۇپپىسىىنىڭ تۈركىيە دۆلەت مارشىنى ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ئورۇنلىشى يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى.

گۇرۇپپا باشلىقى ۋە سەنئەتچى جەمال ئەل-ئۆمەرى تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى ياردەم قىلغان چالغۇلارنىڭ ناھايىتى سۈپەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «غىجەك، ئود، ساز، زىت ۋە باشقا چالغۇلار ناھايىتى سۈپەتلىك ئىدى. ھەممىسى تۈركىيەدە ياسالغان. بىزنىڭ بۇلارغا ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئېھتىياجىمىز بار ئىدى. ئەلۋەتتە، بازاردا ھەر خىل چالغۇلار بار، لېكىن بۇنداق سۈپەتلىكىنى تېپىش تەس. شۇڭا بىز تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى (TIKA) غا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر