تۈركىيە دۇنيانى«ھاياتلىق سۈيى» بىلەن تەمىنلىمەكتە

تۈركىيە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى «ھاياتلىق سۈيى» بىلەن تەمىنلىمەكتە.

935459
تۈركىيە دۇنيانى«ھاياتلىق سۈيى» بىلەن تەمىنلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۈتكۈل دۇنيا پاكىزە سۇ مەسىلىسىدە قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە ئۆزگىچە پىلان – لايىھەلىرى ۋە قۇدۇقلارنى بەرپا قىلىش قاتارلىق لايىھەلىرى بىلەن پاكىزە سۇغا تەشنا بولۇۋاتقان ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە ياردەم قولىنى سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەردىن سىرت يەنە، ئاساسلىق ياشاش مەنبەسى بولغان پاكىزە سۇغا تەشنا بولۇۋاتقان ئەللەرنى «ھاياتلىق سۈيى» بىلەن تەمىنلىمەكتە. مركىزى تۈركىيەدىكى 13 ئورگان ۋە تەشكىلات پاكىزە سۇغا تەشنا بولۇۋاتقان دۆلەتلەردە يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە 9 مىڭدىن ئارتۇق سۇ قۇدۇقلىرىنى بەرپا قىلدى، نۇرغۇنلىغان لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر