شىمالىي كورېيە ئوربېتاغا سۈنئىي ھەمراھ يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ياپونىيەنى ئاگاھلاندۇردى

شىمالىي كورېيە 27 - مايدىن 3 - ئىيۇن (2024) غىچە بولغان ئارىلىقتا ئوربېتاغا سۈنئىي ھەمراھ يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنى ئاگاھلاندۇردى.

2144551
شىمالىي كورېيە ئوربېتاغا سۈنئىي ھەمراھ يوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ياپونىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە سۈنئىي ھەمراھنى توشۇيدىغان راكېتا پارچىلىرىنىڭ فىلىپپىننىڭ شەرقىدىكى سېرىق دېڭىز ۋە تىنچ ئوكيانغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن ھوشيارلىقنى يۇقىرى پەللىگە چىقارغان ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى، رايوندا سەپەر قىلىدىغان پاراخوتلارغا ئالاھىدە  دىققەت قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.  

شىمالىي كورېيە ئالدىنقى يىلى (2023) ماي ۋە ئاۋغۇست ئېيىدا قىلغان ئىككى قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتسىزسىنىقىدىن كېيىن، نويابىردا «1-مالىگيوڭ» ناملىق جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوربېتاغا قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

پيوڭياڭ ھۆكۈمىتى 2024 - يىلىمۇ يېڭى سۈنئىي ھەمراھلىرىنى ئوربېتاغا قويۇپ بېرىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر