تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان 4 – دۆلەتكە ئايلاندى

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي تۈركىيەنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان 4 - دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يېڭى نىشانىنىڭ ئالدىنقى 3 نىڭ ئىچىگە كىرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

2144616
تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان 4 – دۆلەتكە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر مەھمەت نۇرى ئەرسوي شانلىئۇرفا مەدەنىيەت يولى فېستىۋالى پروگراممىسى دائىرىسىدە، شانلىئۇرفادا ئاخبارات ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

مەھمەت نۇرى ئەرسوي شانلىئۇرفانىڭ تارىخى ۋە گاسترونومىيەسى بىلەن تەڭداشسىز بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رايوننىڭ ساياھەتچىلىك جەھەتتە زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەرسوي فېتستىۋال مەزگىلىدە شەھەردىكى بارلىق مېھمانخانىلارنىڭ تولۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئايروپىلانلاردىمۇ  ئورۇن قالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر ئەرسوي ساياھەتچىلىك پەسلىنى 12 ئايغا ئۇزارتىشنى نىشان قىلغانلىقىنى، بۇنىڭمۇ پەقەتلا قۇياش، قۇم ۋە دېڭىز بىلەنلا بولمايدىغانلىقىنى شۇڭا ساياھەت رايونلىرىنى مەدەنىيەت ۋە ئارخولوگىيەلىك بايلىقلىرى ئارقىلىقمۇ گەۋدىلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر ئەرسوي تۈركىيەنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ساياھەتچى جەلپ قىلىدىغان تۆتىنچى دۆلەت بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز بۇ قېتىم ئىتالىيەنىڭمۇ ئالدىغا كىرىپ كەتتۇق.  دۇنيا بويىچە تۆتىنچى بولدۇق. 2028 - يىلى 80 مىليون ئەتراپىدا ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، ئالدىنقى 3 نىڭ ئىچىگە كىرىشنى نىشان قىلماقتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر