ھىندىستانلىق 12 ياشلىق قىز ئېينىشتىيىننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى

ھىندىستانلىق 12 ياشلىق قىزنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ئېينىشتىيىن ۋە خاۋكىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

728244
ھىندىستانلىق 12 ياشلىق قىز ئېينىشتىيىننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تېگى ھىندىستانلىق 12 ياشلىق قىز  Rajgauri Pawar ئەنگلىيەنىڭ چېشىرې مەمۇرىي رايونىدا ئەقىل بۆلۈنمىسى سىنىقىغا قاتنىشىپ 162 نومۇر ئالغان، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قىز ئېينىشتىيىن خاۋكىڭدەك تالانتلىقلاردىنمۇ  ئېشىپ كەتكەن.

پاۋارنىڭ مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان دادىسى دوكتور سۇراجقۇمار پاۋار، «قىزىم بۇ نەتىجىسى بىلەن بۇ جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان ئەڭ ياش تالانتلىق بولۇپ قالدى» دېدى.

«Times of India» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەتىجىلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھىندىستانلىق قىزغا ئەقىل بۆلۈنمىسى تالانتلىقلىرى ئەزا بولغان مېنسا كۇلۇبىغا ئەزالىق تەكلىپى سۇنۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئەقىل بۆلۈنمىسى سىناقلىرىدا «تالانتلىق»لارنىڭ سەۋىيە سىنىقى 140 نومۇر ئىكەن،  ئېينىشتىيىن بىلەن خاۋكىڭنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى سىناقلىرىدا ئالغان نومۇرى 160 دەپ تەخمىن قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر