ئامېرىكا-رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس چىقتى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى كۇبانى زىيارەت قىلغان رۇسىيە دېڭىز فلوتى فلورىدا ئىشتاتىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىغا 50 كىلومېتىر يېقىنلاشقاندا، رايونغا ھەربىي پاراخوت ۋە ئايروپىلان ئەۋەتتى.

2152402
ئامېرىكا-رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا شىمالىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى(NORTHCOM)  بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە فلوتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن رايونغا ئۈچ دانە قوغلىغۇچى، بىر دانە سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە رازۋېدكا ئايروپىلانى ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئامېرىكانىڭ رۇسىيە فلوتىنىڭ رايونغا كەلگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلمىغانلىقى، بىراق جەنۇبىي فلورىدا دېڭىز قىرغاقلىرىغا 50 كىلومېتىرغىچە يېقىنلاشقانلىقى سەۋەبىدىن، ھەربىي پاراخوتلارنى ۋەزىيەتنى كۆزىتىش ئۈچۈن رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

شىمالىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلدى:

«نورمال تەرتىپكە ئاساسەن، بىز خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتىدىغان رۇسىيە پاراخوتلىرىنى كۆزىتىمىز. رۇسىيە پاراخوتلىرىنىڭ بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىۋاسىتە تەھدىت ۋە ئەندىشە پەيدا قىلمايدىغان دائىملىق دېڭىز پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.»

كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 6-ئىيۇن (2024) بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۈچ پاراخوتى ۋە بىر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ پايتەخت ھاۋانادىكى پورتنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

كۇبا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي دوستلۇق» تىن بېشارەت بېرىلگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلگەنىدى:

 «پاراخوتلارنىڭ ھېچقايسىسىدا يادرو قورال يوق، شۇڭا دۆلىتىمىزگە كېلىشى رايون ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس. دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىمىز بولغان دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىلدىكى زىيارەتلىرى تارىخىي ئەمەلىيەتتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر