پۇتىن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى.

2153138
پۇتىن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن موسكۋادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزدى.

ئۇ 15-16-ئىيۇندا (2024) شىۋېيتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇكرائىنا تىنچلىق يىغىنى توغرىسىدا توختىلىپ: «شىۋېيتسارىيەدىكى كونفېرانسقا تەكلىپ قىلىنمىدۇق. رۇسىيە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بىز بىلەن ئېنىق ۋە مەسئۇلىيەتچان دىيالوگ ئورنىتىلماستىن، ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىمكانىيىتى يوق» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ھەربىي قىسىملىرىنى دونېتسك، لۇخانسك، خېرسون، زاپورىژيادىن چېكىندۈرگەن ۋە ناتوغا ئەزا بولۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچكەن ئەھۋالدا، ئۇكرائىنا بىلەن سۆھبەتنىڭ باشلىنىش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۈگۈن ئۇكرائىناغا ھەقىقىي تىنچلىق تەكلىپى سۇنماقتىمىز. ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ۋە مەسىلىنى توڭلىتىشنى ئەمەس، توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.

ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 2022-يىلى 24-فېۋرال ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش پەرمانىنى چۈشۈرۈشى بىلەن، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى رەسمىي باشلانغان ئىدى.

پۇتىن كىيېۋنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرەسى ئىچىدە تۇتۇش ئۈچۈن، ئۇكرائىنانى ھەربىيسىزلەشتۈرۈپ، ناتسىستلاردىن تازىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر