قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (11)

تۆۋەندە سۈرە نىسانىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ھەققىدە توختىلىمىز.

693960
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (11)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە ئال ئىمراننىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى ۋە نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلىمىدە بولسا، سۈرە نىسانىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە نىسا ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە

نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسىملارغا بۆلىنىشى:

بۇ سۈرە بىر قانچىلىغان خۇتبىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇ تەخمىنەن، ھىجرىيە 3 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدىن، 5 ـ يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا نازىل بولغان. گەرچە سۈرىنىڭ قايسى قىسمى قايسى خۇتبىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە قانداق چاغدا نازىل بولغانلىقىنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۇرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا بەزى ئەھكاملار تەرەپكە ۋە بىر قىسىم ۋەقەلەر تەرەپكە قىلىنغان شۇنداقمۇ ئىشارەتلەر باركى، شۇنىڭغا قاراپ ئۇلارنىڭ نازىل بولغان ۋاقتىنى تارىخىي رىۋايەتلەر ئارقىلىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا بىز دەل شۇ خىل ئىشارەتلەرنىڭ يارىدىمى ئارقىلىق ئەھكام ۋە ئىشارەتلەر مەۋجۇت بولغان مەزكۈر ھەر خىل خۇتبىلەرنى بىر ـ بىرى بىلەن يۈزەكى شەكىلدە باغلاپ كېتەلەيمىز.

مەسىلەن: مىراس تەقسىماتى بىلەن يېتىملارنىڭ ھەق ـ ھوقوقىغا ئالاقىدار يوليوروقلارنىڭ ئۇھۇد ئۇرىشىدىن كىيىن نازىل بولغانلىقىنى بىلىمىز.  بۇ ئۇرۇشتا 70 نەپەر مۇسۇلمان شەھىد بولغان بولۇپ، بۇ ۋەقە تۇپەيلى كىچىككىنە مەدىنە شەھىرىدىكى قانچىلىغان ئۆيلەردە، «شەھىدلەرنىڭ مىراسىنى قانداق تەقسىم قىلىش لازىم ۋە ئۇلارنىڭ يېتىم بالا ـ چاقىلىرىنىڭ ھەق ـ ھوقوقىنى قانداق مۇھاپىزەت قىلىش كېرەك؟» دېگەن مەسىلە بارلىققا كەلگەن ئىدى. شۇڭا بىز دەل ئەشۇ ئاساستا دەسلەپكى 4 رۇكۇ بىلەن بەشىنچى رۇكۇنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئايىتىنى شۇ چاغلاردا نازىل بولغان دەپ بېكىتەلەيمىز.

«صلواة خوف» (يەنى جەڭ مەيدانىدا ئوقۇلىدىغان ناماز)غا ئالاقىدار بايانلارنى ھىجرىيەنىڭ 4 ـ يىلى يۈز بەرگەن "رىقائ غازاتى"غا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردىلا ئۇچرىتىمىز. شۇنىڭغا ئاساسەن بۇ خىل نامازنىڭ تەركىۋى تىلغا ئېلىنغان خۇتبىنى بەلكىم ئەشۇ مەزگىل ئەتراپىدا نازىل بولغان دەپ قىياس قىلالايمىز. (15 رۇكۇغا قارالسۇن)

مەلۇمكى، مەدىنىدىن بەنى نەسىر قەبىلىسىنىڭ قوغلاپ چىقىرىلىشى ھىجرىيەنىڭ 4 ـ يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەلدە يۈز بەرگەن. مانا بۇنىڭغا ئاساسەن «بىزنىڭ چىرايىڭلارنى سەتلەشتۇرۇپ ئارقىڭلارغا بۇراپ قويىشىمىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتىۋېلىڭلار» دەپ يەھۇدىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلگەن ئايەتلەرنى بىز دەل ئەشۇ مەزگىل جەريانىدا نازىل بولغان بولىشى مۈمكىن دېيەلەيمىز.

شۇنىڭدەك، سۇ تىپىلماي قىلغاندا تەيەممۇم قىلىشقا بېرىلگەن رۇخسەتمۇ ھىجرىيەنىڭ 5 - يىلىدىكى بەنى مۇستەلىق غازاتى داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىققان. شۇڭا بۇنىڭغا ئاساسەن سۈرىدىكى تەيەممۇمغا ئالاقىدار ھۆكۈملەر مەۋجۇت بولغان خۇتبىنى ئەشۇ مەزكىلگە يىقىن چاغلاردا نازىل بولغان دېيىشكە بولىدۇ.

نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنى:

سۈرىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتىنى مانا شۇنداق ئومومىي نۇقتىدىن تۇنۇپ چىققاندىن كىيىن، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشۈنۈشكە يارىدىمى بولسۇن ئۈچۈن ئەينى چاغدىكى تارىخىي ئارقا كۆرىنىشلەرگىمۇ بىر قېتىم نەزەر سېلىش لازىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرغان ئەينى چاغدىكى موھىم مەسىلىلەرنى مۇنداق ئۈچ چوڭ نۇقتىغا بۆلۇشكە بولىدۇ. 

1 ـ ھىجرەت قىلىش بىلەن تەڭلا مەدىنە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قالدۇق جاھىلىيەت قائىدە - ئۇسۇللىرىنى تازىلاپ، ئەخلاق، مەدىنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، يېڭىچە دۆلەتنى تەرتىپكە سېلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ھۇلى مۇستەھكەملىنىۋاتقان مۇنتىزىم ئىسلام ئىجتمائىي جەمئىيىتىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۈرۈش.

2 ـ ئەرەپ مۇشرىكلىرى، يەھۇدى قەبىلىرى ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئىسلام ئىسلاھات ھەرىكىتىگە قارشى كۈچەيتىۋاتقان قارشىلىقلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ قاتتىق كۆرەش قىلىش.

3 ـ ئىسلام دەۋەتىنى دۈشمەنلەرنىڭ قارشىلىقىغا پەرۋاسىز تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە تېخىمۇ كۆپ قەلب، ئىددىيەلەرنى ئۇتۇپ چىقىش.

ئەينى چاغدا ئاللاھ تائالا تەرەپتىن نازىل قىلىنغان بارلىق خۇتبىلەر دەل مانا بۇ ئۈچ نۇقتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئىلگىرى سۈرە بەقەرەدە ئىسلام ئىجتىمائىي جەمئىيىتىگە ئالاقىدار بىرقىسىم يوليورۇقلار بېرىلگەن بولسا، ئەمدىكى جەمئىيەت ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ يوليورۇققا مۇھتاج ئىدى. شۇڭا سۈرە نىسادىكى بۇ بايانلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۈرمۇشىنى ئىسلامغا قانداق ئۇيغۇنلاشتۇرىشى لازىملىقى تەپسىلى سۆزلەپ بېرىلدى. ئائىلە تەرتىپىنىڭ قائىدىلىرى چۈشەندۈرىلدى. توي ئىشلىرىغا چەك – چېگرا بەلگىلەندى. ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئۆز ـ ئارا مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈنمۇ چەك ـ چىگرا سېزىپ بېرىلدى. يىتىملارنىڭ ھەق ـ ھوقوقى مۇئەييەنلەشتۈرىلدى. مىراس تەقسىمات قانۇنى تۈزۈپ چىقىلدى. ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ رەتكە چۈشۈشىگە كېتەرلىك يوليورۇقلار بېرىلدى. ئائىلىۋىي جەڭگى ـ جىدەللەرنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ يوللىرى ئۆگىتىلدى. جازا قانۇنىنىڭ ئاساسىي قورۇپ چىقىلدى. ھاراق ـ شاراپ مەنئىي قىلىندى. تاھارەت ۋە پاكلىق ھەققىدە ئەھكاملار يولغا قويۇلدى. مۇسۇلمانلارغا ھەرقانداق بىر ياخشى كىشىنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرى بىلەن بولغان ئالاقە، ئەمەللىرى زادى قانداق بولىشى كېرەكلىكى تەلىم بېرىلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئىجتىمائىي ئىنتىزامچانلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاقىدار كۆرسەتمە بېرىلدى. ئەھلى كىتابلارنىڭ دىنىي، ئەخلاقىي پوزىتسىيەلىرى تەنقىد قىلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىزىدىن مىڭىپ سالماسلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۈرۈش بېرىلدى. مۇناپىقلارنىڭ ئەمەل، ئۇسۇللىرى تەنقىد قىلىنىپ، ھەقىقىي ئىماندارلىقنىڭ تەقەززالىرى يورۇتۇپ بېرىلدى ھەمدە ئىمان بىلەن نىفاقنىڭ ئىمتىيازى پەرىقلىرى ۋە ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتلىرى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

ئىسلاھاتقا قارشى كۈچلەر بىلەن داۋاملىشىۋاتقان جىددى كۆرەشلەر ئۇھۇد ئۇرۇشىدىن كىيىن تېخىمۇ نازۇك ئەھۋالغا كېلىپ قالغان ئىدى. چۇنكى ئۇھۇدتىكى مەغلۇبىيەت مەدىنە ئەتراپىدىكى مۈشرىك قەبىلەر، يەھۇدى خۇشنىلار ۋە مۇناپىقلارنىڭ جاسارىتىگە جاسارەت قوشقان ئىدى. شۇڭا مۇسۇلمانلارغا يۈزلىنىۋاتقان خەتەر بارغانسىرى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئاللاھ تائالا ئاجايىپ جۇشقۇن جانلىق بايانلار بىلەن  بىر تەرەپتە، مۇسۇلمانلارنى ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتە، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەمەل قىلىش موھىم بولغان يوليورۇقلارنى تەلىم بەردى.

مەدىنىدە مۇناپىقلار بىلەن بىر قىسىم ئىمانى ئاجىز كىشىلەر ھەر خىل قورقۇنچلۇق خەۋەرلەرنى تارقىتىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇنداق خەۋەرلەرنىڭ ئالدى بىلەن مەسئۇل كىشىلەرگە يەتكۈزۈلىشى ھەمدە ئۇلار تەرىپىدىن راسلىقى تەستىقلانمىغان ھەرقانداق بىر خەۋەرنىڭ جەمئىيەتتە تارقىلىپ يۈرىشىنى قەتئىي چەكلەش لازىملىقى تەكىتلەندى.

مۇسۇلمانلار دائىم دېگۈدەك غازات ۋە ھەربى يۈرۈشلەرگە ئاتلىنىپ تۇرىدىغان بولغاچقا كۆپ ھاللاردا سۇ تاپقىلى بولمايدىغان يوللاردىن ئۆتۈشكە توغرا كىلەتتى. بۇنداق چاغدا نامازنى قەسرى قىلىپ ئوقۇش لازىملىقى ۋە قاتتىق خەتەرگە دۈچ كەلگەندە «صلواة خوف»  (يەنى جەڭ مەيدانىدا ئوقۇلىدىغان ناماز)نى ئادا قىلىش ئۇسۇللىرى كۆرسىتىلدى.

ھەر قايسى ئەرەپ رايۇنلىرىدا كاپىرلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان تارقاق مۇسۇلمانلار كۆپ ھاللاردا ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالاتتى. بۇنداق پەيتتە مۇسۇلمانلار جامائىتى قاتتىق مەنىۋىي قىيىنچىلىققا دۈچ كىلەتتى. شۇڭا بىر تەرەپتە، بۇ ھەقتە مۇسۇلمانلار جامائىتىگە تەپسىلى كۆرسەتمە بېرىلگەن بولسا، ئىككىنچى تەرەپتە، ئۇ خىلدىكى مۇسۇلمانلارنى ھىجرەت قىلىش ئارقىلىق ئىسلام دىيارىغا كۆچۈپ كېلىشكە چاقىردى.

يەھۇدىلار ئىچىدە، خۇسۇسەن بەنى نەسىر قەبىلىسىنىڭ دۈشمەنلىكى بەكرەك كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار كېلىشىملەرگە ئاشكارا خىلاپلىق قىلىشقا باشلىغان ئىدى. ھەتتا ئىسلام دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇچۇق ـ ئاشكار تىل بېرىكتۈرۈپ، مەدىنىدە پەيغەمبەر ئەليھىسسالام بىلەن مۇسۇلمانلار جامائىتىگە قارشى خىلمۇخىل سۇيقەست تورىنى كېڭەيتمەكتە ئىدى. سۈرىدە ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى قاتتىق تەنقىد قىلىنىپ، ئوچۇق ھالدا ئاخىرىقى قېتىملىق ئاگاھلاندۈرۈش بېرىلدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئاندىن ئۇلارنى مەدىنىدىن قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى.

مۇناپىقلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھەر قايسى تۈرلىرى ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيەلەردە بولماقتا ئىدى. شۇڭا مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن قايسى خىل مۇناپىققا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكى چېگىش مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. شۇڭا سۈرىدە مۇناپىقلارنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بىر ـ بىرلەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر تۈرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش لازىملىقى كۈرسىتىپ بېرىلدى. بۇلاردىن باشقا يەنە مۇسۇلمانلار بىلەن كېلىشىم تۈزگەن بىتەرەپ قەبىلىلەرگە قارىتا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەكلىكىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلدى.

ئەمدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە مۇسۇلمانلار خاراكتىرىنىڭ غۇبارسىز پاك بولىشى ئىدى. چۇنكى بۇ كۆرەشتە ئەشۇ ئازغىنە مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبە قىلىش قىلماسلىقى پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي ئەخلاقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى. شۇڭا مۇسۇلمانلارغا يۈكسەك ئەخلاقنى تەلىم بېرىش بىلەن بىرگە جامائەت ئىچىدە كۆرۈلگەن يېتەرسىزلىكلەر قاتتىق تەنقىد قىلىندى.

بۇ سۈرىدە يەنە تەبلىغ، دەۋەت ساھەسىمۇ چەتتە قالمىدى. ئىسلامنىڭ جاھىلىيەتكە قارشى پۈتۈن دۇنياغا تەشۋىق قىلىۋاتقان ئەخلاق، مەدىنىيەت ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ كەڭ چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە يەھۇدى، خىرىستىيان، ئەرەپ مۈشرىكلىرى قاتارلىق بۇ ھەر ئۈچىلى سىنىپنىڭ خاتا دىنىي تەسەۋۇرلىرى ناتوغرا ئەخلاق، ئەمەللىرى تەنقىد قىلىندى. ھەمدە ئۇلارغا ھەق دىنغا قايتىش چاقىرىقى بېرىلدى.(داۋامى بار....)

**** ** *** **** **** ***** ****** *****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە مائىدەنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى ۋە  نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

داۋامى ئۈچۈن  كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر