تەيۋەننىڭ تۇنجى ئايال پىرېزىدېنتى قەسەم ئىچتى

ياپۋاردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلغان ئۆكتىچى دېموكراتىك ئالغا ئىلگىرىلەش پارتىيەسىنىڭ ئايال رەھبىرى سەي يىڭۋېن قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى.

494571
تەيۋەننىڭ تۇنجى ئايال پىرېزىدېنتى قەسەم ئىچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرېزىدېنت بولغان سەي يىڭۋېننىڭ پايتەخت تەيبېيدىكى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا مىڭلارچە كىشى ئىشتىراك قىلدى.

سەي يىڭۋېن پىرېزىدېنت سايلىمىدا % 60 ئاۋازغا ئېرىشكەنىدى.

2008 – يىلدىن بېرى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان مىللەتچى گۇمىنداڭ پارتىيەسى «بېيجىڭ بىلەن يېقىنلىشىپ، تەيۋەننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىندى قىلىپ قويدى» دەپ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتاتتى.

خىتايدا 1949 – يىلى ماۋ زېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىست پارتىيەسى بىلەن جياڭ جېشى رەھبەرلىكىدىكى گۇمىنداڭ پارتىيەسى تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا جياڭ جېشى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ تەيۋەنگە قېچىشىدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈزۈلۈپ قالغانىدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تەيۋەن پىرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنىڭ 2015 – يىلى 7 – نويابىردىكى ئۇچرىشىشى، ئىككى تەرەپنىڭ ئارىدىن 66 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدىكى كۆرۈشۈشى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر