تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى بۇ يىل يېڭى ئېكىسپورت رېكورتى يارىتىشقا تەييارلىق قىلماقتا

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى بۇ يىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئوق-دورا سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن، يېڭى ئېكىسپورت رېكورتى يارىتىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

1921259
تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى بۇ يىل يېڭى ئېكىسپورت رېكورتى يارىتىشقا تەييارلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇداپىئە ۋە ئالەم قاتنىشى ساھەسىنىڭ ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن يېقىنقى يىللاردا نامايان قىلغان ئېكسپورت مىقدارى 2022 – يىلىدىمۇ داۋاملاشقان. ساھەنىڭ 12 ئايلىق ئېكسپورت نىسبىتى %37.4 ئېشىپ، 4 مىليارد 202 مىليون دوللارغا يەتكەن.

ئەگەر بۇ ئېشىش يىلنىڭ ئاخىرىدىمۇ داۋاملاشقان تەقدىردە، ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنى 4 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانى ئەمەلگە ئېشىپ، يېڭى يىللىق ئېكسپورت رېكورتى يارىتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

تۈركىيە مۇداپىئە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتىنىڭ ئېكىسپورتىدا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

2021 - يىلىنىڭ 11 ئېيىدا 484 مىليون 600 مىڭ دوللارلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېكسپورت قىلغان تۈركىيە، بۇ يىل (2022) ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %80 ئېشىپ، 871 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورتنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

ئېكسپورتتا ئەڭ چوڭ ئېشىش %179 بىلەن ئوق ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بولدى. بۇ يىل 443 مىليون 700 مىڭ دوللارلىق ئوق-دورا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئېكسپورت قىلىندى.

ئۆتكەن يىلى چەت ئەللەرگە ساتقان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن بۇ ساھەنىڭ ئېكسپورت باشلامچىسىغا ئايلانغان بايكار شىركىتى، ئۇتۇقلىرىنى 2022 - يىلىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر