رۇسىيە ھەربىي خامچۇتىنى زور مىقداردا ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا

ھەربىي چىقىملىرىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشكەن رۇسىيەنىڭ 2025-يىلى ھەربىي ساھەگە 13.2 تىرىليون رۇبلى (142 مىليارد دوللار) ئاجرىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2191019
رۇسىيە ھەربىي خامچۇتىنى زور مىقداردا ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۈچ يىللىق دۆلەت خامچوت پىلانىنى قولغا چۈشۈرگەن بلومبېرگ ئاگېنتلىقى، رۇسىيەنىڭ 2025-يىلى ھەربىي چىقىملارنىڭ 3 تىرىليون رۇبلى (106 مىليارد دوللار) ئاشۇرۇشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى، شۇنداق بولسا، كېلەر يىلى رۇسىيەنىڭ ھەربىي خامچوتىنىڭ %25 تىن كۆپرەك ئاشۇرۇلغان بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بلومبېرگنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى مۇداپىئە ۋە ئىچكى بىخەتەرلىك چىقىملىرى پۈتۈن خامچوتنىڭ %40ىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇ 1991-يىلدىن بۇيان خاتىرىلەنگەن تۇنجى رېكورد بولۇپ، مائارىپ، ساغلاملىق، ئىجتىمائىي سىياسەتلەر ۋە دۆلەت ئىقتىسادى خامچوتلىرىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.

خامچوتتىكى مەخپىي چىقىم ساھەلىرىمۇ ئاشۇرۇلىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلى مەخپىي چىقىملارنىڭ 132 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن، ئۆتكەن يىلى مەخپىي چىقىملارغا 113 مىليارد دوللار ئاجىرىتىلغانىدىكەن. بۇ پۇلنىڭ كۆپ قىسمى قورال سېتىۋېلىش ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر