تالىبان ئافغانىستاندا چەت ئەل پۇلى ئىشلىتىشنى چەكلىدى

تالىبان ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كەلگەن ئافغانىستاندا چەت ئەل پۇلىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى چەكلىدى.

1728571
تالىبان ئافغانىستاندا چەت ئەل پۇلى ئىشلىتىشنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىباننىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى بىلال كەرىم تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە مىللىي مەنپەئەتنى نەزەردە تۇتۇپ، بارلىق كىشىلەرنىڭ پۇل – مۇئامىلە ۋە سودا ئىشلىرىدا ئافغانىستان پۇلىنى ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كارخانىچىلار، سودا – سانائەتچىلەر ۋە ئاممىدىن سودا – سېتىق ئىشلىرىدا تاشقى پېرېۋوت ئىشلەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن بىلال كەرىم، چەت ئەل پۇلىنى ئىشلىتىشنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ، ئاممىغا زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ قارارغا ئەمەل قىلمىغانلارغا قارىتا قانۇنىي تەدبىر قوللىنىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئافغانىستان مەركىزى بانكىسى 9 - ئاينىڭ 15- كۈنى بارلىق پۇقرالارنى ئافغانىستان پۇلىنى ئىشلىتىشكە چاقىرغانىدى.

تالىبانلار پايتەخت كابۇلنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغان (15-ئاۋغۇست)تىن تارتىپ ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا تاقىلىپ قالغان بانكىلار، خەلقنىڭ نەق پۇل ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.

پۇل بىلەن تەمىنلەش يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى بانكىلارنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتلەر داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر