ساياھەت ساھەسىدە بالدۇر زاكاس قىلىدىغانلار سانىنىڭ ئېشىشى كۈتۈلمەكتە

ساياھەت ساھەسىدە تۈركىيەگە بالدۇر بېلەت زاكاس قىلىدىغانلار سانىنىڭ 5 مىليوندىن ئېشىشى كۈتۈلمەكتە.

1075651
ساياھەت ساھەسىدە بالدۇر زاكاس قىلىدىغانلار سانىنىڭ ئېشىشى كۈتۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مېھمانساراي گۇرۇھلىرى بىرلەشمىسى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئوسمان ئايىق، ساياھەت ساھەسىدە 2019 – يىللىق بالدۇر زاكاس قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى ئايلىق باسقۇچتا تۈركىيەگە بالدۇر بېلەت زاكاس قىلدۇرىدىغانلار سانى 5 مىليوندىن ئاشىدۇ، دەپ قارايمىز. تۈركىيە ساياھەت جەھەتتىن تۈرلۈك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن ناھايىتى كۈچلۈك دۆلەتتۇر. 2018 – يىلى پەقەت مېھمانساراي گۇرۇھلىرىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۆلەتكە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ساياھەت يىلى بولۇشى بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر