خىتايدا يۈەننىڭ قىممىتى %10 تۆۋەنلىدى

خىتاينىڭ يۈەننىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى «تاشقى پىرېۋۇت مونۇپۇلچىسى» دەپ ئەيىبلىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

1064915
خىتايدا يۈەننىڭ قىممىتى %10 تۆۋەنلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن يۇقىرى دەرىجلىك بىر مەسئۇل، ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېت مىنۇچىننىڭ بالىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى دۇنيا بانكىسى يىللىق يىغىنلىرىغا قاتنىنىشىشىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

يۈەننىڭ قىممىتىدىكى چۈشۈشتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مەسئۇل، ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىدىغان «ئامېرىكىنىڭ مۇھىم شېرىكلىرىنىڭ ماكرو ئىقتىساد ۋە تاشقى پىرېۋۇت سىياسەتلىرى» ناملىق دوكلاتىدا، خىتاينى «تاشقى پىرېۋۇت  مونوپولچىسى» دەپ باھالاش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىق سايلام سەپەرۋەرلىكى بويىچە خىتاينى بازارغا مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق يۈەننىڭ قىممىتىنى قەستەن تۆۋەنلىتىش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان تۈنجى كۈنىلا خىتاينى «تاشقى پىرېۋۇت  مونوپولچىسى» دەپ ئېلان قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. 

بىراق ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان «ئامېرىكىنىڭ مۇھىم شېرىكلىرىنىڭ ماكرو ئىقتىساد ۋە تاشقى پىرېۋۇت سىياسەتلىرى» ناملىق دوكلاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى 3 سانىدا، خىتاينى «تاشقى پىرېۋۇت مونوپولچىسى» دەپ ئېلان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئىدى.

خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن يۈز بەرگەن سودا ئۇرۇشىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا سەلەبىي تەسىر كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن يېقىنقى 6 ئايدا، دۇللارغا سېلىشتۇرغاندا يۈەننىڭ قىممىتى %10 تۆۋەنلىگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر