ۋېنېزۇئېلا بىلەن تۈركىيە شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن كېلىشىملەر ئىمزالاندى
ۋېنېزۇئېلا بىلەن تۈركىيە شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا نېفىت خىمىيە سانائىتى، تەبىئىي گاز ۋە كانچىلىق ساھەسىدە نۇرغۇن كېلىشىملەر ئىمزالاندى.
![ۋېنېزۇئېلا بىلەن تۈركىيە شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن كېلىشىملەر ئىمزالاندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/57e5/13c3/0bbc/66655ba7ac8c2.jpg?time=1722045824)
![turkiye-venezuela anlasma.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/2de9/3265/07c2/66655be3910db.jpg?time=1722045824)
![turkiye-venezuela anlasma.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0f6a/667a/d739/66655bf91158e.jpg?time=1722045824)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت كاراكاستىكى مىرافلورېس سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرومۇ قاتناشتى.
مادۇرو X ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، «تۈركىيە بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەر مەنپەئەت ئاساسىدا قۇرۇلغان ھەمكارلىق يېڭى بىر دۇنيا يارىتىدىغان، ئىككى دۆلەتنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ئورتاق تىرىشچانلىقلارغا ۋە ئىستراتېگىيەلىك لايىھەلەرگە ئىمزا قويدۇق. بۇلار نېفىت خىمىيە، تەبىئىي گاز، ئالتۇن ۋە كانچىلىق ساھەسىدىكى تەبىئەتنى ھۆرمەتلەيدىغان پەۋقۇلئاددە كېلىشىملەردۇر» دېيىلدى.
يەرلىك تاراتقۇلارغا چىققان خەۋەرلەردە ۋېنېزۇئېلانىڭ جەنۇبىدىكى ئاراگۇئا ئىشتاتىدا تۈركىيە شىركىتىنىڭ كېلىشىم دائىرىسىدە ئالتۇن ۋە كان ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/28ca/b4be/f092/66a0ddd1f1b38.jpeg?time=1722045824)
موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ
سەيشەنبە كۈنى (23-ئىيۇل) 6-قېتىملىق رۇسىيە-خىتاي ئېنېرگىيە سودا-سانائەتچىلەر يىغىنى ئېچىلدى.