تۈركىيە-ئەزەربەيجان تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلدى
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى يىل ئاخىرىدا توشىدىغان تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى 2030-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تۇرۇبا لىنىيەلىرى ۋە نېفىت تىرانسىپورت پاي چەكلىك شىركىتى (بوتاش)، ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى (سوكار) بىلەن ئەزەربەيجان تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ۋە ئالماشتۇرۇشقا ئالاقىدار كېلىشىملەر ئىمزالاندى.
ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 29-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ھازار (كاسپىي) نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يەرمەنكەسى دائىرىسىدە، تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتار بىلەن ئەزەربەيجان ئىقتىساد مىنىستىرى مىكايىل كاباروۋنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
تۈركىيە تۇرۇبا لىنىيەلىرى ۋە نېفىت تىرانسىپورت پاي چەكلىك شىركىتى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا باش دىرېكتورى ئابدۇلۋاھىت فىدان ۋە ئەزەربەيجان تەبىئىي گاز تەمىنلەش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لىديا سالاخوۋا، مۇددىتى 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا توشىدىغان ۋە مۇددىتىنى 2030 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىش نىشان قىلىنغان تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.
فىدان يەنە، ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ رەئىسى رۆۋشەن نەجەف بىلەن تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش ۋە ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا 4 كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇ تۆت كېلىشىم نەتىجىسىدە، ئەزەربەيجاننىڭ تەبىئىي گازى تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا ۋە ئەزەربەيجانغا قاراشلىق ناخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىگە توشۇلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
موسكۋا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ
سەيشەنبە كۈنى (23-ئىيۇل) 6-قېتىملىق رۇسىيە-خىتاي ئېنېرگىيە سودا-سانائەتچىلەر يىغىنى ئېچىلدى.