ئەردوغان خەلقئارالىق كاسپىي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىشىغا تېلېگرامما يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ ئورتاق تۈرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەتكىلا ئەمەس، رايون ۋە ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگىمۇ مۇھىم تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2148347
ئەردوغان خەلقئارالىق كاسپىي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىشىغا تېلېگرامما  يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 29-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق كاسپىي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىشىغا تېلېگرامما  يوللىدى.

باكۇ ئېنېرگىيە ھەپتىلىكى دائىرىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يەرمەنكىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ۋاسىتە بولۇشىنى ھەمدە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاش ئېنېرگىيە ساھەسىدىمۇ قويۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ باكۇ-تىبلىس-جەيھان، باكۇ-تىبلىس-ئەرزۇرۇم تۇرۇبا يوللىرى ۋە تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قاتارلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇل-ئەسلىھە سېلىنمىلىرىمىز ئارقىلىق يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرگەن ھەمكارلىقىمىز تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجانغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە رايون ۋە ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگىمۇ زور تۆھپە قوشتى. تۈركمەنىستاندە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز بىلەن تۈركىيە ۋە ياۋروپاغا يەتكۈزۈلۈشى ھەمدە ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرۇش پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى. بىزنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى خىزمەتلىرىمىزنىڭ پات يېقىندا مېۋە بېرىشى، شۈبھىسىزكى، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ يەنە بىر ئورتاق مۇۋەپپەقىيىتى بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان تۈرك دۇنياسىنىڭ دۆلەتلەر ئارا ئېنېرگىيە، شۇنداقلا سىياسىي، ئىقتىسادىي، سودا، بىخەتەرلىك، ھەربىي ئىشلار، مۇداپىئە سانائىتى، قاتناش، سەھىيە، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىنى شۇنداقلا تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر