خىتاي بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدا 20 كېلىشىم ئىمزالاندى

خىتاينىڭ كامبودژادىكى يول قۇرۇلۇشى لايىھەسىگىلا 2 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

886103
خىتاي بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدا 20 كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي بىلەن كامبودژا ئوتتۇرىسىدا يېزا ئىگىلىكى، ئۇل – ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە سەھىيە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 كېلىشم ئىمزالاندى.

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ كامبودژادىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا، مەنسەپدېشى خۇن سېن بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېزا ئىگىلىكى، ئۇل – ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە سەھىيە ساھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىملەر ئىمزالاندى.

كېلىشىملەر ئارىسىدا يەنە، پايتەخت پىنوم پېن بىلەن ساياھەت رايونى شىخانۇك يېزىسىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان 200 كىلومېتىرلىق يول شۇنداقلا پىنوم پېندە يېڭى بىر خەلقئارا ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى قاتارلىق لايىھلەرنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ يېڭى يىلدا باشلىنىپ، 44 ئايدا تاماملاش پىلانلانغان يول قۇرۇلۇشى لايىھەسى دائىرىسىدە، خىتاينىڭ كامبودژاغا 2 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر