2018 - يىلى خىتايدا «تۈركىيە ساياھەت يىلى» ئېلان قىلىندى

2018 – يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە «تۈركىيە ساياھەت يىلى» ئېلان قىلىندى.

785150
2018 - يىلى خىتايدا «تۈركىيە ساياھەت يىلى» ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا، شۇنداقلا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ساياھەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ساياھەت ئاگېنتلىقلىرى، 2018 – يىلىنىڭ خىتايدا «تۈركىيە ساياھەت يىلى» دەپ ئېلان قىلىنىشى دائىرىسىدە يىغىن چاقىردى.

يىغىندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن، «تۈركىيە ساياھەت يىلى» دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان پائالىيەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي بازىرىنى ياخشى بىلىدىغان ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ، بۇ دۆلەتتە تۈركىيەنى تونۇتۇش يولىدا قانداق ئىشلارنى قىلىش ئىمكانىيەتلىرى بارلىقى توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا قۇلاق سېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر