تۈركىيە يەمەنگە 2 دالا دوختۇرخانىسى ياردەم قىلدى

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن يەمەنگە ئىئانە قىلىنغان ئىككى دالا دوختۇرخانىسى تائىز ۋىلايەت مەسئۇللىرىغا مۇراسىم ئارقىلىق تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

783831
تۈركىيە يەمەنگە 2 دالا دوختۇرخانىسى ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋەكىلى ۋە دۆلەتنىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى ئەدەندىكى سەدىقە دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى جامال ئابدۇلھەمىد مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساستىدا ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ خۇسۇسىي دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان نامراتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق يەمەن خەلقىنى مۇھىم مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تائىز مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇھەممەد ئەسسانۋى بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، يەمەن خەلقى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىگە رەھمەت ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن،  يەمەندىكى تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى مۇستافا ئايدىن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، تائىزدە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بۇ ياردەملەرنىڭ تۈركىيە خەلقى يەمەنلىكلەرگە ئەۋەتكەن ئىئانىلەر دائىرىسىدە تەقدىم قىلىنغانلىقىنى، 10 كونتېينېرلىق بۇ ياردەملەرنىڭ ئىككى دالا دوختۇرخانىسى، تۈرلۈك تىببىي ئۈسكۈنىلەر ۋە دورا ماتېرىياللىرىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر