قاتار تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

قاتار سودا-ئىقتىساد مىنىستىرى ئەھمەت بىن جاسسىم ئەلسانى ئىزمىردە تۈركىيە خەلقىگە تەشەككۈرلىرىنى يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

784031
قاتار تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئەلسانى ئىزمىردە بۇ ھەقتە توختالغاندا، مۇنداق دېگەن: «قاتار ئىقتىسادى بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئىسپاتلىدى. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئىقتىساد سەلبىي تەسىرگە ئۇچراۋاتقان ۋاقىتتا، بىزنىڭ ئىقتىسادىمىز مەزمۇت تۇرماقتا. قاتارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز. بىزگە قارشى يولغا قويۇلغان ئېمبارلارگونىڭ كۆپ قىسمىنى بىر قانچە سائەت ئىچىدە تۈركىيەنىڭ ياردىمىدە يەڭدۇق، ھازىر ھېچقايسى مەسىلىدە كەمچىلىكىمىز يوق. بىزدىكى تەبىئىي بايلىقلار، تەبىئىي گاز ئېكسپورتى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىغا كۆپ ھەسسە قوشماقتا. تۈركىيەنىڭ سايىسىدە بىزگە قارشى رەھىمسىزلەرچە يولغا قويغان ۋە قانۇنلارغا خىلاپ ئېمبارگولارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدۇق. بۈگۈن، قاتار يەنە تەبىئىي گاز ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنى دۇنيا مىقياسىدا ئىىشلەپچىقارماقتا. يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، تەبىئىي گاز ئېكسپورتىمىزدا تۆۋەنلەش ئەمەس، بەلكى %30 ئۆرلىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر