ئەردوغان «ئافرىقا كۈنى» بايرىمىنى تەبرىكلىدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى ۋە «25-ماي ئافرىقا كۈنى» بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
2144146
![ئەردوغان «ئافرىقا كۈنى» بايرىمىنى تەبرىكلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/4b1d/19f7/14b2/6651d1c35340e.jpg?time=1722042724)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، «ئافرىقا كۈنى» بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:
«ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى ۋە <25-ماي ئافرىقا كۈنى> بايرىمىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. تارىخى 9-ئەسىرگىچە سوزۇلىدىغان، ئىنسانىي ۋە تارىخىي مۇناسىۋەتلىرىمىز ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمغا قىزغىن ھەم يالقۇنلۇق سالام يوللايمەن.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/a855/5519/9bde/638da0d999ce9.jpg?time=1722042725)
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى قىسقارتىلدى
ئىستانبۇل-ترابلۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇش ۋاقتى بىر سائەت قىسقارتىلدى.