فىدان پەلەستىن يىغىنلىرى ئۈچۈن بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا بېرىپ، «پەلەستىن» تېمىسىدىكى يىغىنلارغا قاتنىشىدۇ.

2144127
فىدان پەلەستىن يىغىنلىرى ئۈچۈن بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان پەلەستىن يىغىنلىرىدا، غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر، بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيە ۋە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تىرىشچانلىقلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

زىيارىتى دائىرىسىدە ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىغان مىنىستىر فىدان، پەلەستىنگە داۋاملىق ياردەم قىلىۋاتقان خەلقئارالىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد مۇستاپا بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغان «خەلقئارا ئىتتىپاقداشلار ئۇچرىشىشى» يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

يىغىندا، پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇستاپا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم پىلان لايىھەلىرى ۋە پەلەستىن خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ھەققىدە دوكلات بېرىدىكەن.

رەھبەرلەر پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆزئارا داۋاملىق دىيالوگ ئورنىتىش، يېڭى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرى، غەززەدە دەرھال ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش،  پەلەستىن خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش، غەززەنى قايتا قۇرۇش، ئىسلاھات كۈنتەرتىپى ۋە ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، غەززەگە يەتكۈزۈلۈۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۈركىيە تەمىنلىمەكتە ئىكەن. شۇنداقلا، تۈركىيە خەلقئارالىق ھەر بىر سەھنىدە پەلەستىننى سىياسى جەھەتتىن قوللىماقتا ھەم پەلەستىنلىكلەر ئارا بىرلىك ۋە باراۋەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى تەشۋىق قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر