ئەردوغان ئەلىيېۋغا تېلېگرامما يوللىدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ «28 – ماي مۇستەقىللىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋغا تېلېگرامما يوللىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىلھام ئەلىيېۋغا يوللىغان تېلېگرامماسىدا مۇنداق دېگەن:
«ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان مېڭىۋاتقان يولىدىن پەخىرلىنىمىز. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 2023-يىلى 9-ئايدا زېمىن پۈتۈنلۈكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى مۇستەقىللىق كۈنىدە، قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ شان - شەرەپى ۋە خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز. ئەزەربەيجاننىڭ ھەم رايوندا ھەم يېقىن ئەتراپتىكى جۇغراپىيەدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ھەمىشە پەخىرلىنىمىز. <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> روھىغا ئاساسەن يۇقىرى قاتلاملىق ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتىكى ئورتاق ئىرادىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.