خىتاي ساياھەت شىركەتلىرى شىمالىي كورېيە ساياھەت زاكاسلىرىنى توختاتتى

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان «Global Times» گېزىتى، خىتاي ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيە ساياھەت زاكاسلىرىنى توختىتىشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

716963
خىتاي ساياھەت شىركەتلىرى شىمالىي كورېيە ساياھەت زاكاسلىرىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ساياھەت شىركەتلىرى، شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سۈركىلىش ۋە خەۋپسىزلىك ئەندىشىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، قوشنا دۆلەتكە قىلىنىدىغان ساياھەت ئۈچۈن ئالدىن زاكاز قىلىشنى توختاتتى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان «Global Times» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ ساندا خىتاي ساياھەت شىركىتى ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدىكى شىمالىي كورېيەگە بېلەت سېتىش ۋە مېھمانخانا زاكاز قىلىشنى توختاتقان.

خەۋەردە، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ساياھەت شىركىتى CTRİP قاتارلىق كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى سۈركىلىشنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە شىمالىي كورېيەگە قىلىنىدىغان ساياھەت سانىنى ئازايتقانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتاي ھاۋا يوللىرى شىركىتى، شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەختى پيوڭياڭغا قاتنايدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى 17 – ئاپرېلدىن باشلاپ توختىتىپ قويغان، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلىش سەۋەبىگە «ساياھەت تەلىپىنى ئازىيىشى» دەپ ئىزاھات بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر