ئەرەب كارخانىچىلار تۈركىيەدىكى پۇرسەتلەر ئۈچۈن كېلىدۇ
بۇ يىل 23 – مارت كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان 12 – نۆۋەتلىك تۈرك – ئەرەب سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا ئەرەب دۇنياسىدىكى كارخانىچىلار تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ.
696764
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېچىلىشى مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كۈتۈلۈۋاتقان ۋە 500 يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىنى كۈتۈۋالىدىغان يىغىنغا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن تۈرك سودا دۇنياسى، تۈركىيە سودا - سانائەتچىلەر بىرلىكى باشلىقى رىفات ھىسارجىقلىئوغلۇ قاتنىشىدۇ.
بانكىچىلىق، پۇل – مۇئامىلە، ھۆددىگەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدىغان يىغىندا، تۈركىيە بايلىق فوندى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ۋە باش دىرېكتورى مەھمەت بوستانمۇ نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
2005 – يىلدىن ئېتىبارەن «ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، دۇنيادا ۋە رايونىدا قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان تۈركىيە» شوئارى ئاستىدا ھەر يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان ۋە ھازىرغىچە 8 باش مىنىستىر، 78 مىنىستىر، 720 شىركەت، 5500 دىن ئارتۇق ئىشتىراكچىنى