قۇياش ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىن خۇش خەۋەر
تۈركىيەنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ساھەسىدىن خۇش خەۋەر كەلدى.
696083
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ئۆكتەبىردە خۇش خەۋەر يەتكۈزگەن ۋە «مىسلىسىز لايىھە» دەپ ئاتالغان كونيا – قاراپىناردا قۇرۇلىدىغان مىڭ مېگاۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيەسى لايىھەسىنى باھا تالاشتۇرۇپ سېتىشتا ئەڭ ئاز باھا تەكلىپىنى كاليون – خانۋا بىرلەشمە گۇرۇھى شىركىتى بەردى.
ئالبايراق 1.3 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان ۋە «مىسلىسىز لايىھە» دەپ ئاتىغان لايىھە ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسىدە تېخنولوگىيە ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.