رۇسىيە بەش مەھسۇلاتقا قويغان چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىدىغان بەش مەھسۇلاتقا قارىتا يولغا قويغان ئېمبارگونى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەييارلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

615227
رۇسىيە بەش مەھسۇلاتقا قويغان چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېمەك-ئىچمەك، يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق مىنىستىرى فارۇق چەلىك سوچىدا ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك دانلىق زىرائەتلەر مۇنبىرى يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇناسىۋەتلىك رۇسىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئېمبارگو ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان مەھسۇلاتلار توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «بۇ مەھسۇلاتلار پىدىگەن، مۇچ، ئانار، قاپاق ۋە باشقا كۆكتاتلار. ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلىرىمىزدا، رۇسىيە تەرەپ بۈگۈن بەش مەھسۇلاتقا مۇناسىۋەتلىك بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ۋە چەكلىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» دېدى.

ئۇ ئىككى دۆلەت سودىسىدا رۇسىيە تەرەپنىڭ تۈركىيەدىن گۆش ئىمپورت قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«بىز ئۇلارغا گۆش مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ يېتىشمەيدىغانلىقىنى، 16 مەھسۇلاتتىن كېيىن ھەر بىر مەسىلە ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق.»   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر