تۈركىيەدىن يولغا چىققان ياردەم پاراخوتى غەززەگە يېتىپ باردى

11 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ تۈركىيەدىن يولغا چىققان «لەيلا خانىم» ناملىق ياردەم پاراخوتى غەززەگە يېتىپ باردى.

524228
تۈركىيەدىن يولغا چىققان ياردەم پاراخوتى غەززەگە يېتىپ باردى
türkiye'den gazzeli yetimlere yardım.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ بۇ ياردەملىرى غەززە خەلقىنى چەكسىز شاد – خۇراملىققا چۆمدۈردى.

تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن ياردەملەرنىڭ بىر قىسمى تارقىتىلىشقا باشلىدى.

ئىسرائىلىيە تاموژنىلىرىدىكى رەسمىيەتلەرنىڭ ئاستىلىقى سەۋەبىدىن تۈنۈگۈن ئويۇنچۇقلارنى بالىلارغا تارقىتىپ بېرىش خىزمىتى بىرئاز ئاقسىدى.

تۇنجى ئويۇنچۇقلار ئەلئەمەل يېتىمخانىسىدىكى بالىلارغا تارقىتىپ بېرىلدى.

تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىدىن غەززەدىكى ئاممىۋى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان تەخمىنەن 10 مىڭ ئېھتىياجلىق كىشى بەھرىمەن بولىدۇ.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىش خىزمىتىنى تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

تۈركىيەدىن غەززەگە ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى 13 مىڭ 775 يېمەك - ئىچمەك يېشىكى، 5 مىڭ توننا ئۇن، 3 مىڭ توننا شېكەر، 2 مىڭ توننا گۈرۈچ، 100 مىڭ قۇر كىيىم – كېچەك، 20 مىڭ جۈپ ئاياغ قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

تۈركىيە دوختۇرخانا سېلىش ۋە تۇرالغۇ - جاي بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىدىمۇ غەززەگە داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر