تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورت سودىسى ئۆرلىدى

تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورت سودىسىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى.

146688
تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورت سودىسى ئۆرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئېكىسپورت سودىسىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى.
%6.5 لىك ئۆرلەش بىلەن سىنتەبىر ئېيىنىڭ رېكورتى بۇزۇپ تاشلاندى.
تۈركىيە ئېكىسپورتچىلار مەجلىسى ۋاندا سىنتەبىر ئېيىنىڭ ئېكىسپورت سودىسىغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.
2014 – يىلىنىڭ سىنتەبىر ئېيىدىكى ئېكىسپورت سودىسى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش ئېيىغا سىلىشتۇرغاندا %6.5 لىك ئۆرلەش بىلەن 13 مىليارد دوللارغا يەتتى. شۇنداق قىلىپ سىنەتەبىر ئېيىنىڭ رېكورتى بۇزۇپ تاشلانغان بولدى.
تۈركىيەنىڭ 2014 – يىلىنىڭ دەسلەپكى 9 ئايلىق ئېكىسپورت سودىسى، %5.7 ئېشىپ 118 مىليارد 225 مىليون دوللارغا يەتتى.
بۇ قېتىمقى 12 ئايلىق ئېكىسپورت سودىسى بولسا، %4.2 ئېشىپ، 157 مىليارد 654 مىليون دوللارغا يەتتى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر