چاۋۇشئوغلۇ بايراموۋ ۋە بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1796891
چاۋۇشئوغلۇ بايراموۋ ۋە بلىنكېن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە بۇ دۆلەتتىكى تارقاقلاشتۇرۇش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەردىن سىرت يەنە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «مىنىستىر بلىنكېن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقىنى قوللىشى، پۇتىندىن ھېساب ئېلىش تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە چاۋۇشئوغلۇغا مەلۇمات بەردى. شۇنداقلا، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللىشى، ئېھتىياج تۇغۇلغان ھامان ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش تىرىشچانلىقلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر