فىدان تۈركىيە-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيە-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر ساھە بويىچە ئىلگىرىلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، لاتىن ئامېرىكا ۋە كارىب دېڭىزى دۆلەتلىرىگە ئېچىلىشىمىزنىڭ مەركىزىدە ۋېنېزۇئېلا بار» دېدى.

2143711
فىدان تۈركىيە-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيە-ۋېنېزۇئېلا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۋان خىل (Yvan Gil) بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ۋېنېزۇئېلانىڭ نۇرغۇن دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ھەر قايسى مىنىستىرلىقلىردىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تۈركىيەدە مىنىستىرلىقلار ۋە ئىدارە-ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋەكىللەر ئۆمىكى قۇرغان ئالتە كومىتېتتا خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق، ساياھەت، مائارىپ، تەنتەربىيە ۋە سەھىيە قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇھىم بولغان ھەر خىل تېمىلارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «كومىتېتلار بىر ھەپتە مۇزاكىرە قىلىپ، توققۇز كېلىشىم تۈزدى. تۈركىيە-ۋېنېزۇئېلا مۇناسىۋەتلىرى ھەر ساھەدە ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن لاتىن ئامېرىكا ۋە كارىب دېڭىزى دۆلەتلىرىگە ئېچىلىشىمىزنىڭ مەركىزىدە ۋېنېزۇئېلا بار. يېقىنقى يىللاردا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆزئارا زىيارەتلەر، كېلىشىملەر، ئۆزئارا مۇناكىرەلەر، سودىنىڭ ئېشىشى نەتىجىسىدە، تۈركىيە ۋېنېزۇئېلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن ئامېرىكاسىدا تەسىرى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى» دېدى.

ئۇ كۆرۈشۈشلەردە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردىمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ۋېنېزۇئېلا دۇچار بولۇۋاتقان ئادالەتسىز ئېمبارگولارنى ئاساس قىلغان ھالدا نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولغان پەلەستىن ۋە غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان قەتلىئاملارنىمۇ مۇزاكىرە قىلدۇق. مەمنۇنلۇق بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، غەززە مەسىلىسىدە ۋېنېزۇئېلا بىلەن ئوخشاش ئويلايمىز ۋە ھەرىكەت قىلىمىز، خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ئوخشاش پوزىتسىيە بىلدۈرىمىز. غەززەدىكى قەتلىئاملارنىڭ توختىتىلىشى، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى مەسىلىسىدىمۇ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر