ئەردوغان مىچوتاكس بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بىزنىڭ گىرېتسىيە بىلەن بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئورتاق چۈشەنچىمىز بارغانسېرى كۈچەيمەكتە» دېدى.

2139222
ئەردوغان مىچوتاكس بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مېھمان باش مىنىستىر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلغانلىقلىرىنى، ئىككى دۆلەت سودا مىقدارىنى 6 مىليارد دوللاردىن 10 مىليارد دوللارغا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «بىزنىڭ گىرېتسىيە بىلەن بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئورتاق چۈشەنچىمىز بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. بىز رايونىمىزنىڭ كەلگۈسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورنى يوقلۇقى قارىشىدا ھەمپىكىرمىز. مۇناسىۋىتىمىزدىكى ئىجابىي ئاتموسفېرانىڭ گىرېتسىيەدىكى ئاز سانلىقلار ۋە ئىرقداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ بېرىلىشىگە ھەسسە قوشۇشىنى كۈتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئارالدىكى پاكىتلارغا ئاساسەن ئادىل ۋە ئۈزۈل -كېسىل ھەل قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ : «بۇنداق بىر قەدەم رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى كۈچەيتىدۇ» دېدى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكىس سۆزىدە: «ئارىمىزدىكى چۈشىنىش ۋە مۇناسىۋەت مۇھىتى ئىجابىي ھالەتتە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا» دېدى ۋە گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر