نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 571–يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم سۆز قىلدى

ت ب م م (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ قانداقتۇر پەقەتلا ھەربىي ۋە سىياسىي مۇۋەپپەقىيەت بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىلىم-پەن، سەنئەت ۋە مەدەنىيەتتە قايتا گۈللىنىشنىڭ باشلىنىشى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

2145916
نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 571–يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 571-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازما ھەمبەىرلىدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش: «سۇلتان 2 - مەھمەتنىڭ قوماندانلىقىدا ئەزىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىللاردا داستان بولغان كۈرىشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 571–يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتىمىز. دۇنيا تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇ كۈننى داغدۇغىلىق تەبرىكلەيمىز» دېدى.

ئۇ ئىستانبۇل پەتھىسىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبە ئارقىلىق شەرق-غەرب مەدىنىيەتلىرى كېسىشىدىغان بۇ قەدىمكىي شەھەرنىڭ ئىلىم-پەن، تىنچلىق، مۇھەببەت ۋە ئادالەتنىڭ مەركىزىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش يەنە مۇنداق دېدى:

«ئىستانبۇل ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر، دىن ۋە مىللەتلەر بىللە ياشايدىغان كەڭ قورساقلىقنىڭ پايتەختىگە ئايلاندى. بۇ پەتھى قانداقتۇر پەقەتلا ھەربىي ۋە سىياسىي مۇۋەپپەقىيەت بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىلىم-پەن، سەنئەت ۋە مەدەنىيەتتە قايتا گۈللىنىشنىڭ باشلىنىشى بولدى. ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشى بىلەن، دۇنيا تارىخىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئاساسلىرى مۇستەھكەملەندى. بىزلەر بۈگۈن بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس ئالغان بۇ ئۇلۇغ كۈرەش روھىنى ياشنىتىش ئۈچۈن قەتئىيلىك ۋە سۇنماس ئىرادە بىلەن تىرىشماقتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر