فىدان ياۋروپا ئەللىرىنى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ياۋروپا ئەللىرىنى پەلەستىننى دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

2146066
فىدان ياۋروپا ئەللىرىنى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە غەززە ئۈچۈن قويۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بۇ دائىرىدە ئىسپانىيەگە يېتىپ باردى.

مىنىستىر فىدان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى غەززە ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز بىلەن كۆرۈشتى.

خاقان فىدان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، پەلەستىننى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىسپانىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئىسپانىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە زور تۆھپىلەرنى قوشتى. شۇ ۋەجىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا دۆلەتلىرىنىمۇ ئىسپانىيەنىڭ بۇ سىياسىتىنى ئۈلگە قىلىپ، پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمىز.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان  تاشلىغان جاسارەتلىك قەدىمى، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن ئىسپانىيەگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش، رايون تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بوشاشماي داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

ئىسپانىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىدىن كېيىن مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن خىزمەت يىغىنىغا، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جوسې مانۇئېل ئالبارېس، پەلەستىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد مۇستافا، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسەل بىن فەرھان، قاتار باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئەلسانى، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەيمان ئەسسەفەدى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا قاتارلىقلار قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر