مىنىستىر فىدان ئىسپانىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە غەززە ئۈچۈن قويۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2146049
مىنىستىر فىدان ئىسپانىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى
hakan fidan filistin temas grubu ispanya.jpg
hakan fidan filistin temas grubu ispanya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان غەززە ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلغان دىپلوماتىك خىزمەتلىرى رامكىسىدا، ئىسپانىيەگە يېتىپ باردى.

مىنىستىر فىدان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى غەززە ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز بىلەن كۆرۈشتى.

ئىسپانىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىدىن كېيىن مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن خىزمەت يىغىنىغا، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پېدرو سانچېز، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جوسې مانۇئېل ئالبارېس، پەلەستىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد مۇستافا، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسەل بىن فەرھان، قاتار باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئەلسانى، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەيمان ئەسسەفەدى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، خاقان فىداننىڭ مادرىدتىكى ئۇچرىشىشلىرىدا، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارە - تەدبىرلىرى ئاساسىدا، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر