ئەردوغان ھاماسنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس، قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھاماسنىڭ بىر قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەپ، ئۇنىڭ مىڭغا يېقىن ئەزاسىنىڭ تۈركىيەدە داۋالانغانلىقىنى بىلدۈردى.

2139163
ئەردوغان ھاماسنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس، قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مىچوتاكىسنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى: «تۈركىيە بىلەن (بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا) ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە پىكىر پەرقى بار. بىز ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشى ۋە بىز تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارايدىغان ھاماسقا تۈركىيەنىڭ باشقىچە ئېنىقلىما بېرىدىغانلىقىنى بىلىمىز» دېگەن سۆزلىرىدىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆز باشلاپ: «مەن ھاماسنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىمايمەن. ھاماس 1947-يىلىدىن بۇيان ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىنلىرىنى قوغداۋاتقان بىر قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى. بۇ، ئەپسۇسكى، ئىسرائىلىيەنىڭ 45 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەھشىيلەرچە (ھۇجۇملىرىغا) قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك. ھاماسنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دېسەك، رەھىمسىزلىك قىلغان بولىمىز. مەن ھاماسنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىمايمەن... بۇ يەردە ئۇنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دېسىڭىز، مەن ئەپسۇسلىنىمىز. دۆلىتىمدە مىڭدىن ئارتۇق ھاماس ئەزاسى داۋالىنىۋاتىدۇ. غەرب بۇلارغا ھەر خىل قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ھاماسنى <تېررورلۇق تەشكىلاتى> دېسىڭىز، مېنىڭ كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر