ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئىشلىتىۋاتقان 27 ئورۇن ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ھېچبىر شېھىتىمىزنىڭ قېنىنى يەردە قويمىدۇق، قويمايمىز! ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا، زاپ، خاكۇرك، گارا ۋە قاندىل رايونلىرىدىكى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورنى قاتارلىق 27 نىشان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق يوقىتىپ تاشلاندى» دېدى.
پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈنۈگۈنكى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئورۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولغان، تۆت ئەسكەر يارىلانغانىدى.
تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشتا، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ئالتە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە سۆھبەت يىغىنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە «بەرپاچى كۈنتەرتىپ دىيالوگى»نىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.