ئەردوغان پېتېرسنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى زېلاندىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىنستون پېتېرسنى قوبۇل قىلدى.

2132675
ئەردوغان پېتېرسنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن مىنىستىر ۋىنستون پىتېرسنىڭ ئىستانبۇلدىكى ۋاھدەتتىن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تاشقى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر