فىدان رىيادتا زىيارەتتە بولىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا چاقىرىلىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «ئالاقە گۇرۇپپىسى» يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

2132764
فىدان رىيادتا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى غەززە مەسىلىسىگە چارە تېپىش مەقسىتىدە قۇرۇپ چىققان «ئالاقە گۇرۇپپىسى» يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن 28-، 29- ئاپرېل كۈنلىرى رىيادتا زىيارەتتە بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، مىنىستىر فىدان زىيارىتى دائىرىسىدە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئۆتكۈزىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر