سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرماقتا.

2132761
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بايقالغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېرروچىنى ئۇجۇقتۇردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا، «تېررورلۇق ۋە تېررورچىلارغا ئۆتۈش يولى يوق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر