مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى سۇلايمانىييەدە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ك ج ك نىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان روجدا بىلەننى ئۇجۇقتۇردى.

2117411
مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى سۇلايمانىييەدە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ، تېررورچى بىلەننىڭ ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىنىڭ ئىران چېگراسىدىكى تاغلىق رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى ۋە نۇقتىلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېررورچى روجدا بىلەننى ئۇجۇقتۇردى.

بىلەننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىدىغان ياشلارنى ئېنىقلاپ رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇلارغا ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتى ئىشلەش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى شۇنداقلا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى ياشلار قاتلىمىغا ۋەقە سادىر قىلىش توغرىسىدا يوليورۇقلارنى چۈشۈرگەنلىكى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر