خاقان فىدان: «بىز پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ھەرگىز يالغۇز قويمايمىز»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان: «بىز پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز» دېدى.

2116732
خاقان فىدان: «بىز پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ھەرگىز يالغۇز قويمايمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خاقان فىدان بۇرسادا بىر ئىپتار پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، ئىسرائىلىيە 7–ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلىۋاتقان غەززە تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

خاقان فىدان دۇنيانىڭ قىيىن ئۆتكەللىرىدىن بىرسىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «دۇنيا ۋە رايونىمىزنىڭ قەيەرگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ياخشى، توغرا چۈشىنىپ  يېتەلىشىمىز كېرەك. مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قوغداشنىڭ يۆنىلىشنى ياخشى ۋە توغرا بىلىشىمىز لازىم. دۇنيانىڭ ھەممىلا ئەتراپىدىكى ئىرقداشلىرىمىزغا ۋە قەلب جۇغراپىيەمىزدىكى  قېرىنداشلىرىمىزغا ھەقىقىي مەنىدىن ئىگە چىقىشنىڭ يولىمۇ مۇشۇنىڭدىن باشلىنىدۇ» دېدى.

دۇنيادا گېئوپولىتىكىلىق رىقابەتتىن باشقا يەنە، كىرىزىسلار ۋە توقۇنۇشلارنىڭمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن خاقان فىدان: «ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلىكى خەلقئارا قانۇننىلا ئەمەس، غەززەدىكى بارلىق ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنىمۇ دەپسەندە قىلماقتا. يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار غەززە بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق. غەربىي قىرغاقتىكى يەھۇدىي كۆچمەنلەر تېررورلۇقى ئارقىلىق پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەر – مۈلۈكلىرىنى تارتىۋالماقتا. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ھەر ساھەدە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنى ھەرگىز يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر