بۈگۈن چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 109-يىللىقى...

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا 1915-يىلى 18-مارت ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان چاناققەلئە دېڭىز زەپىرى، ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش ئىپتىخارلىق بىلەن تەبرىكلەنمەكتە.

2116769
بۈگۈن چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 109-يىللىقى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تارىخىي گەلىبولۇ يېرىم ئارىلىدا، شېھىتلەرنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 109-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چاناققەلئەنى بۆسۈپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ھالغا ئەكەلگەن، دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، بۇ زېمىنلارنى كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن ۋەتەن قىلغانلار، غايەت زور ئىپتىخارلىق، رەھمەت ۋە مىننەت ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن خاتىرىلەندى.

چاناققەلئەدە 18-مارت شېھىتلەرنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە دېڭىز زەپىرىنىڭ 109-يىللىقىنىڭ بىرىنچى مۇراسىمى، جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر باشچىلىقىدىكى ھەربىي قوماندانلار، غازىلار ۋە سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى بىلەن، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە ھەمدە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا گۈلچەمبىرەك قويدى. ئارقىدىن مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر «چاناققەلئەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆز يېزىلغان مېدالنى تۈركىيە بايرىقىغا قادىدى. سۈكۈتتە تۇرۇشتىن كېيىن، ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى ۋە بايراق چىقىرىلدى.

مۇراسىم، چاناققەلئە بوغۇزىدا توختىتىلغان «ت ج گ (TCG) چوڭ ئارال پاراخوتى» دىن 21 پاي توپ ئوقى ئېتىش بىلەن ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر