باغدادتا خەۋپسىزلىكنى ئاساس قىلغان مۇھىم يىغىن ئېچىلىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن بۈگۈن (14-مارت) خەۋپسىزلىكنى ئاساس قىلغان ئۇچرىشىشلار ئۈچۈن ئىراق پايتەختى باغدادقا يېتىپ بارىدۇ.

2115133
باغدادتا خەۋپسىزلىكنى ئاساس قىلغان مۇھىم يىغىن ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خاقان فىدان باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەتنىڭ مۇھىم ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئىراق پايتەختى باغدادنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، خاقان فىدان باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ، تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خەۋپسىزلىكنى ئاساس قىلغان ئۇچرىشىشلار رامكىسىدا ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن باغدادقا بارىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ھەيئەتتە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم قالىن ۋە مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۈنىر كارائوغلۇنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

يىغىندا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، خەۋپسىزلىك ۋە ھەربىي ھەمكارلىق قاتارلىق ئىككى تەرەپنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر