تۈركىيە بىلەن ئىراق تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ۋە ئىراق ئەمەلدارلىرى چېگرا بىخەتەرلىكى يىغىنى ئاچتى.

2114481
تۈركىيە بىلەن ئىراق تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن قويۇق ماسلىشىپ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2-ئارمىيە قوماندانى لېيتېنانت گېنېرال مەتىن توكەل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىراق ئەمەلدارلىرى بىلەن چېگرا بىخەتەرلىكى يىغىنى ئاچقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «<<پەنچە-قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونى چېگرالىرى ئىچىدە ئىراق يەرلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئىراق-تۈركىيە چېگرا لىنىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئىراق پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان تەدبىرلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر